xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 5273|ئىنكاس: 0

waves نىڭ Maserati DRM دۇمباق ئۈنۈم قىستۇرمىسىنىڭ چۈشەندۈرلۈشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
Maserati ئۈنۈم قىستۇرمىسى يۈرۈشلىكىدە جەمئىي يەتتە  خىل ئۈنۈم قىستۇرمىسى  بار بولۇپ،ناخشا - ئاۋاز ئۈنۈملەش نۇسخىسى Maserati VX1 ،   دۇمباق ئۈنۈملەش  نۇسخىسى
( Maserati DRM )، باس ئۈنۈملەش  نۇسخىسى ( Maserati B72 )، ئېلېكترونلۇق گىتار نۇسخىسى ( Maserati GTI )، ئەسلىي ئاۋازلىق گىتار نۇسخىسى ( Maserati ACG )، ئۈنۈم نۇسخىسى ( Maserati HMX ) ۋە ئۇنۋىرسال  نۇسخىسى ( Maserati GRP ) بار.  بۇلار يەنە ئۆز ئىچىدىن    ستېرېئو ئاۋاز ( Stereo )، تاق كىرگۈزۈپ - قوش چىقىش ( Mono/Stereo ) ۋە يەككە ئاۋاز يولى ( Mono ) قاتارلىق نۇسخىلارغا ئايرىلىدۇ .  

بىز بۇرۇن Maserati نىڭ  VX1 ئادەم ئاۋازى ئۈنۈملەش قىستۇرما بۆلىكىنى ھەر قايسى ئىقتىدار بۆلەكلىرىنى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن . بۈگۈن Maserati ئائىلىسىدىكى Maserati DRM دۇمباق ئۈنۈملەش قىستۇرمىسىنىڭ ھەر قايسى ئىقتىدار بۆلەكلىرىنىڭ رولىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
تۆۋەندىكىسى Maserati DRM دۇمباق ئۈنۈملەش قىستۇرمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى.

d1.PNG


【A】سەزگۈرلۈك دەرىجىسى   (SENSITIVITY)
【B】سوقۇلۇش سېزىمى        (THUMP) : تۆۋەن چاستوتا قسىمىنى (باس قىسىمنى ) كونتىرول قىلىدۇ.
【C】پەيتلىك ھالەت             (SNAP)
【D】يۇقىرى چاستوتا \ زىل ئاۋاز (TREBLE)
【E】چىقىرىشنى كونتىروللاش (OUTPUT)
【F】ئۈنۈم ئەندىزە شەكلى : باس دۇمباق \تەپمە دۇمباق (BD) ، بارىباننىڭ ئۈستى قىسمى (SNRTOP) ، بارىباننىڭ ئاستى قىسىمى (SNR BOT) ، تەپمە تەخسە (HH)، ئەۋجە دۇمباق \دۇڭ دۇڭ دۇمباق (TOMS)قاتارلىق ئۈنۈم ئەندىزە شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  
【G】توك دەرىجىسىنى ئۆلچىگۈچ (MATER IN/OUT)

بۇ قىستۇرمنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال   Black Eyed Peas, Usher, Christina Aguilera قاتارلىق مۇزىكىلارنى توردىن ئىزدەپ ئاڭلاپ بىقىڭ. ئاندىن سىز ئىشلەتكەن دۇمباق ئاۋاز ماتىرىياللىرىنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىڭ.  سىز ئىشلەتكەن دۇمباق ئاۋازى ۋە سىز ئىشلىگەن مۇزىكىنىڭ ئۇسلۇبى يۇقارقى مۇزىكىلارغا ئوخشىسا بۇ قىستۇرما خىزمىتىڭىزنىڭ ئۈنۈمىنى راستىنلا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئەگەر ئۇسلۇبى ۋە دۇمباق ئاۋاز تۈسى زور پەرىقلىنىدىغان مۇزىكا بولسا بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسىنى ئىھتىيات بىلەن ئىشلىتىڭ.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-8-6 05:45 , Processed in 0.039972 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش