xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 8711|ئىنكاس: 0

بوش ھەم ئاجىز ئادەم ئاۋازىنى Waves دىن پايدىلىنىپ ئوڭشاش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
قالتىس يىقىشلىق ئادەم ئاۋازى  يۇقىرى سۈپەتلىك ئۈنگە ئېلىشتىن كىلىدۇ ، ئەمما بەزىدە  ئەسلىدىن بوش ھەم ئاجىز ئۈنگە ئىلىنىپ قالغان ئادەم ئاۋازىنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقتىلاردا ئۈن كىرىشتۈرۈش ئۇستىلىرىمىز تۆۋەندىكى تۆت باسقۇچتىن پايدىلىنىپلا ئادەم ئاۋازنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىلەر.

1.  ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن  چاستوتىنى سۈزىۋىتىش
بۇ يەردە دەۋاتقان ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن چاستوتا 100hz دىنمۇ تۆۋەن بولغان چاستوتا رايۇنى بولۇپ ، ئادەتتە ئادەم ئاۋازى ئارقىلىق بۇنداق چاستوتىدىكى ئاۋازلارنى چىقارغىلى بولمايدۇ. ئادەم ئاۋازى بولمىغان ئىكەن بۇ يەردە چىقىۋاتقىنى مىقتارى مەيىلى چوڭ بولسۇن ياكى  كىچىك بولسۇن تۈرلۈك شاۋقۇن ۋە كاشىلا ئاۋازلار بولۇشى ئىنىق.
ئادەم ئاۋازى يولىنى كۈچەيىتىشنىڭ ئالدىدا ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن چاستوتىنى سۈزىۋىتىش ئىنتايىن مۇھىم .
ئاۋاز كۈچەيتىش ئالدىدا، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن چاستوتىنى تازىلاش ئىنتايىن مۇھىم. 100hz دىن تۆۋەن چاستوتا ئاۋازلارنىڭ زىچ يىيىشىگە  كاشىلا بولۇشى مۇمكىن. ئەرلەر ئاۋازىغا نىسبەتەن، ئادەتتە Waves Q10 نىڭ تۆۋەن چاستوتىنى سۈزۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ   100hz دىن تۆۋەن چاستوتا رايۇنىنى ، ئاياللار ئاۋازىغا نىسپەتەن 150hz دىن تۆۋەن چاستوتا رايۇنىنى سۈزۈش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارىمىز.

Q10_thinvocal.jpg


2.ئاۋازنىڭ «ماسسىسى» ۋە «شەكلى» نى كۈچەيتىش
ئادەم ئاۋازىنىڭ كۆپ قىسىم «ماسسىسى» ۋە «شەكلى» 100hz - 250 hz دائىرىسىگە مەركەزلەشكەن. بۇ ۋاقىتتا، Scheps 73 EQ قىستۇرمىسنىڭ  تۆۋەن رامكىلىق دولقۇن سۈزگۈچنى ئىشلىتىپ  200Hz ئەتراپىدىكى چاستوتا رايۇنىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك تېخىمۇ جانلىق بولغان ئادەم ئاۋازىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بەزىدە  ئاۋازى ئالاھىدە «ئاجىز» ناخشىچىنىڭ ئاۋازىنى سۈپەتلىك ھالدا ئۈنگە ئالغان تەقدىردىمۇ ، بۇ چاستوتا دائىرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

scheps73.jpg


3.پىرىسلىغۇچ ئارقىلىق دىنامىكا دائىرىسىنى قۇلۇپلاش
بىرىنجى ، ئىككىنجى باسقۇچتا ئادەم ئاۋازى ئاڭلاشقا خىلى كۈچەيگەندەك ھالەتكە كىلىدۇ،  ئەگەر سىز مۇشۇ ئاۋاز ئۈنۈمىنىڭ پۈتكۈل ئۈنۈم كىرىشتۈرۈش جەريانىدا دىنامىكىلىق دائىرسىنىڭ بىر خىل ھالەتتە بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز ، Renaissance Compresssor پىرىسلىغۇچ ئارقىلىق ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئادەم ئاۋازىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا  ئاستا سۈرئەتلىك Attack ۋە تېز سۈرئەتلىك Release تەسىس قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق قىسىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. گەرچە  2db~4db ئارلىقتا  كۈچىيىپ ئاجىزلىغان تەقدىردىمۇ، ئادەم ئاۋازىنى تىخمۇ ئىنىق ،تەڭپۇڭ بىر تەرەپ قىلىپ بىرىدۇ .

renaissance-compressor-light.jpg


4.گارمۇنك تەركىبلەرنى قىتىش
بۇ باسقۇچقا كەلگەندە، ئادەم ئاۋازىنى ئازراق تويۇندۇرۇپ ۋە ئاۋاز تۈسىگە نىسپەتەن مۇۋاپىق ئالاھىدىلىكلەرنى قوشۇپ ، ئادەم  ئاۋازى بىلەن تەڭكەش مۇزىكىغا يېيىشىپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ . J37Tape نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئادەم ئاۋازىغا   1960، 1970 - يىللاردىكى ئاۋاز تۈسى ئالاھىدىلىكىنى قوشقىلى بولىدۇ، سىز ئوخشىمىغان ماگنىتلىق لېنتا تەڭشەكلىرىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، كىرگۈزۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ماگنىتلىق لېنتىنىڭ ئاۋاز ئۈنۈمىدىكى تويۇنغان ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيسىز.

j37-tape.jpg


ماقالە تەييارلىغۇچى : پەرھات ئابدۇرىھىم

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-12-5 19:23 , Processed in 0.083132 second(s), 11 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش