مەھسۇلات نامى: MRT MIDI BREATH CONTROLLER
ماركىسى : MRT
ئىشلەپ چىقارغان شىركەت : MRTaudio
MIDI سىگىنالىنى نەپەس ئارقىلىق كونتىروللىغۇچ (قىسقارتىپ نەپەس كونتىروللىغۇچ ياكى BC كونتىروللىغۇچ دەپ ئاتايمىز) ئىلىكتىرونلۇق رويالنى نەخ مەيداندا ئورۇنلاش ۋە كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش ساھەسىدە كەڭ قوللىنىۋاتقان ياردەمچى ئۈسكىنە بولۇپ، نائۈشنىك شەكىللىك قۇرۇلمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەيچىگە پۈۋلەش ئارقىلىق نۆۋەتتە چىلىۋاتقان مۇزىكىنىڭ ئاۋاز تۈسىدىكى كۈچلۈك -ئاجىزلىق، ئاۋاز قايدۇرۇش، بارمانچۇقنى باسقاندىن كىيىن ھاسىل بولىدىغان ئۈنۈمنى كونتىروللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، ئاساسلىق پۈۋلىمە چالغۇ تۈسلىرىنى ھەقىقىي يوسۇندا تەقلىد قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۈسكىنە ئورگان تەرەپنىڭ تېخنىكلىرى تەرىپىدىن تۆۋەندىكى ئېلىكتىرونلۇق روياللاردا سىناقتىن ئۆتكەن بولۇپ، مەزكۇر ئۈسكىنىنى بۇ روياللارغا بىۋاستە چېتىپ، نەخ مەيداندا مۇزىكا ئورۇنلاشقا ،ئۈسكىنىنىڭ ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇشقا بولىدۇ. ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ئاۋاز تۈسى ھۆججىتىنى ماس كىلىدىغان ئېلىكتىرونلۇق رويالغا قاچىلاش ئارقىلىق تېخىمۇ ئەينەن بولغان چالغۇ تۈسلىرىگە ھەقسىز ئىرىشەلەيمىز. (نۆۋەتتە پەقەت korg pa3x گە ماس كىلىدىغان ئاۋاز تۈسى بولىقى تەمىنلەنگەن)
كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش جەھەتتە بۇ ئۈسكىنىنىڭ ئەھمىيتى تىخىمۇ چوڭ بولۇپ، مىللىچە ئاھاڭلار، چالغۇ ئاھاڭلىرى ، ھىندىستان، ئەرەب ،تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت رايۇنلارنىڭ مۇزىكىسىغا ئوخشاپ كىتىدىغان مىلودىيەلەرنى ئورۇنداشتا بۇ ئۈسكىنە كەم بولسا بولمايدۇ. كومپىيوتېر ئارقىلىق بۇ ئۈسكىنىنىڭ ئۈنىمىگە ئىرىشمەكچى بولساق كومپىيوتېردا چوقۇم نەپەس كونتىروللىغۇچىنى قوللايدىغان بىرىكمە چالغۇ دىتاللىرى قاچىلىنىشى كىرەك. مەسلەن: kontakt ئاۋاز مەنبەلىرى، Sample Modeling شىركىتىنىڭ ئاۋاز مەنبەلىرى، Spectrasonics Omnisphere بىرىكمە چالغۇ ئاۋاز مەنبەسى...، بۇنداق بىرىكمە چالغۇ قىستۇرمىلىرنى تور بىكىتىمىزدىن ئىزدەپ تاپالايسىز.
MIDI نەپەس كونتىروللىغۇچى يۈرۈشلۈكى تۆۋەندىكى قوشۇمچىلاردىن تەركىب تاپقان:
- ئاۋاز چاستوتىسىنى ئايلاندۇرغۇچ 1 دانە
- نائۈشنىك شەكىللىك ئاۋاز چاستوتىنى ئۇزاتقۇچ 1 دانە
- MIDI چاتقۇچ سىم 1 دانە (ئۇزۇنلىقى 180 سانتىمىر)
- USB ماسلاشتۇرغۇچ 1 دانە
- مەھسۇلات قوللانمىسى 1 پارچە
نەخ مال بار
تېلفۇن: 18009985538
چ چ: 1138536118
ئۈندىدار: parhatmusic